ھازىر نورغۇنلىغان ياخشى ئىشلەنگەن MTV,VCD,DVD لىق كىنۇ، ناخشا مۇزىكا قاتارلىقلارنىڭ ئەسلى نوسخىسى بازار سېلىنىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىلدىكى پىلاستىنكىلارنىڭ ئوغرىلانغان ۋە ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈلگەن نوسخىلىرى بازارغا چىقىۋاتىدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزۈم سىناپ باققان ۋە كۆرۈپ ھىس قىلغان بىرقانچە تۈرلۈك MTV,VCD,DVD لىق دىسكىلارنى مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تونۇشتۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.
1-خىل ئۇسۇل: ھەر خىل مەخپىيلەشتۈرۈش يۇمتاللىرىدىن پايدىلىنىپ مەخيلەشتۈرۈش. بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆچۈرۈلگەن دىسكىلارنى باشقىلار ئاسانلا يېشىۋىتەلەيدۇ. (لېكىن مەخسۇس يۇقىرى دەرىجىلىك مەخپىيلەشتۈرۈش دېتاللىرىنى پولغا سېتىۋىلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇ باشقا گەپ). بۇ توغرىسىدا مەن كۆپ توختالمايمەن.
2-خىل ئۇسۇل NERO ئويۇش دىتالنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مەخپىيلەشتۈرۈش. بۇ خىل ئۇسۇل كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان. بۇ ماقالىنىڭ تەپىسىلاتىنى مەن ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قوياي.
3-خىل ئۇسۇل: 1-باسقۇچ: ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىگەن ياكى مەخپىيلەشتۈرمەكچى بولغان MTV,VCD,DVD ۋە باشقا فىلىم ھۆججەتلىرىنى فىلىم تەھرىرلەش يومتاللىرىغا ئۇلانغان ھالەتتە ئەكىرىسىزمەسىلەنpiremer,EDEUS,绘声绘影,巨星MTVدېگەندەك.
2-باسقۇچ: ئۆزىڭىز ئىشلىگەن MTV,VCD,DVD ۋە باشقا فىلىم ھۆججەتلىرىگە 5مىنۇت ئەتىراپىدا قارا رەڭلىك ھالدا ئىچىلىدىغان فىلىم بېشى ھۆججىتى تەييارلايسىز. ئاندىن بۇ فىلىم بېشى ھۆججىتىنى ئۆزىڭىز ئىشلىگەن MTV,VCD,DVD ۋە باشقا فىلىملەرنىڭ بىشىغا ئورۇنلاشتۇرىسىز (ئۇلانغان ھۆججەتنىڭ بېشىغا قويۇپ ئۇلايسىز)
3-باسقۇچ: ئەمدى بۇ ھۆججەتنى MTV,VCD,DVD ۋە باشقا فىلىم شەكلىدە چىقىرىسىز.
4-باسقۇچ: دىسكا ئويۇش دېتاللىرىدىن پايدىلىنپ بۇ ھۆججىتىڭىزنى دىسكىغا ئويىۋالىسىز.
5-باسقۇچ: دىسكىنى ئويىۋالغاندىن كېيىن بىر تال يېڭنە بىر تال يۈزى تەكشى بولغان تاختاي تەييارلاپ ئويغان دىسكىڭىزنى تاختاي ئۈستىگە قويىسىز(ھۆججەت بار تەرىپىنى ئۈستىگە قارىتىپ ) ۋە دىسكىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايسىز.( دىسكىنىڭ تاختاي ئۈستىدىن يۆتلىكىپ كەتمەي مۇقىم تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاختاينىڭ دىسكا قويۇلغان جايلىرىنى يۇمىلاق شەكىلدە ئويىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ)
6-باسقۇچ دىسكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنىڭ مەركىزىگە بىر تال مىخ قىقىۋالىسىز، ئاندىن تەييارلىغان يېڭنە ياكى ئىنچىكە ئوچلۇق پولات مىخنى دىسكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنىڭ مەركىزىگە قىقىۋالغان مىخ بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان يىپ تەييارلايمىز.
7-باسقۇچ: كومپىيۇتېر دىسكا ئوقۇغۇچسى ياكى دىسكا ئويغۇچىسى ھەم شۇنداقلا VCD,DVD,EVD قاتارلىق قويغۇچلارنىڭ ھەممىسى دىسكىدىكى ماتىرىيالنى ئوقۇغۇندا ياكى قويغاندا، ماتېرىيال بار دىسكىنىڭ سىرتىدىن ئىچىگە قارىتا ئوقۇيدۇ. لېكىن ئويغاندا ئىچىدىن سىرتىغا قارىتا ئويىدۇ. بۇ خىل قانۇنىيەتكە ئاساسەن بىز ئۆزىمىز ئويىۋالغان دىسكىدىكى ھۆججەتنى ئويىۋالغان دىسكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنىڭ مەركىزىدىن ھۆججەت ئويۇلغان جاينى ئىنىقلىۋىلىپ ئاندىن ھۆججەت ئويىۋالغان جاينىڭ باشلىنىش نوقتىسىدىن1مىللىمىتېردىن 3مىللىمىتېرغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچەپ تەييارلىغان يىپنىڭ ئىككى ئۇچىنى موشۇنىڭغا (دىسكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنىڭ مەركىزىدىن ھۆججەت ئويۇلغان جاينى ئىنىقلىۋىلىپ ئاندىن ھۆججەت ئويىۋالغان جاينىڭ باشلىنىش نوقتىسىدىن1مىللىمىتېردىن 3مىللىمىتېرغىچە بولغان ئارىلىققا ) ماس كەلگىدەك ھالەتتە تەڭشەپ چىگىۋالىمىز. ئاندىن يىپنىڭ بىر تەرىپىنى دىسكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈككە قىقىلغان مىخقا يەنە بىر تەرىپىنى تەييارلىغان يېڭنە ياكى ئىنچىكە ئوچلۇق پولات مىخقا ئۆتكۈزۈپ بىر دانە چەمبەر سىزىۋالىمىز.
ئەسكەرتىش: سىزىلغان جاي چوقۇم سىز باشتا تەييارلاپ قويغان قارا رەڭلىك فىلىم بېشى ھۆججىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سىزىش قېتىم سانىڭىز بىرلا قېتىم بولۇشى سىزىش چوڭقۇرلۇقى دىسكىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بۇ دىسكا كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ.ئەمما مەن بو يەردە شۇنى دېمەكچىكى مەڭگۈلۈك مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى مەۋجۇت ئەمەس( ياراتقان ئىگىمىز بىزگە مەخپىي قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) بۇ خىل تېخنىكا بىلەن ئويۇلغان دىسكىنىمۇ يەنىلا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكىنى مەن بۇ تېمامدىكى ئىنكاسقا ئاساسەن ئايرىم يوللاي. |