ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟
مەندە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ بىر 4جى سىغىمدىكى بارماق دېسكىسى بار ئىدى .يېقندىن بۇيان بۇ بارماق دېسكىغا ھۆججەت ساقلىغىلى بولمايدىغان ، ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ، ھەم فورماتلىغىلىمۇ بولمايدىغان بولۇپ قاپتىكەن . لېكىن نورمال ئېچىلىپ ،ئىچىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلغىلى بولىدىكەن . خىزمەتدىشىم بۇ بارماق دېسكىنى فورماتلىيالماي ۋە ھۆججەت ساقلىيالماي ماڭا ئوڭشاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئىدى . تەجىربىلىك تورداشلار ماڭا ياردەم قىلىپ مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار . |